شىنجاڭدا مىللەتلەر تىل-يېزىقىنى تەكشۈرۈش قاچان باشلانغان

شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر تىل-يېزىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى تارىختا مىلادى 7-ئەسىرگىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تەسىر قوزغىغانلىرى: تاڭ شۈەنزاڭ غەربىي دىياردىن ئۆتكەندە، يول بويى ھەر قايسى جايلارنىڭ تىل-يېزىقىنى تەكشۈرگەن. 11-ئەسىردە مەھمۇد قەشقىرى غەربىي دىيار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان. مىنگونىڭ 9-يىلى (1920) نىڭ ئالدى-كەينىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئاكادېمىكى مالوف شىنجاڭنىڭ تۇرپان، قۇمۇل ۋە لوپنۇر كۆلى قاتارلىق جايلىرىغا كېلىپ تىل تەكشۈرگەن ھەمدە قۇمۇل دىئالېكىتلىرى ماتېرىيالى ۋە لوپنۇر دىئالېكىتلىرى ماتېرىيالىنى ئېلان قىلىپ، كېيىنكى تەتقىقاتلار ئۈچۈن ئاساس يارىتىپ بەرگەن. مىنگونىڭ 19-يىلى (1930)، جۇڭگو، شۋېتسىيە ئىلمىي تەتقىقات ئۆمىكىدىكى خۇاڭ ۋېينى قاتارلىقلار ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش جەريانىدا بەزى مىللىيچە قەدىمكى يېزىق ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ رەتلەپ چىققان. 20-ئەسىرنىڭ 40-30-يىللىرى شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت ئالىملىرى قىسمەن رايونلاردا مىللەتلەر تىل-يېزىقىنى تەكشۈرگەن

沒有留言:

發佈留言