شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىغا بولغان بىر نەچچە قېتىملىق

شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىغا بولغان بىر نەچچە قېتىملىقكەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش
شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىغا بولغان كەڭ دائىرىلىك، چوڭقۇر قاتلاملىق تەكشۈرۈش، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن باشلانغان بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەر: 1. 1955-يىل 7-ئايدىن 12-ئايغىچە بولغان جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئورنى ۋە مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن، ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ، قىرغىز، شىبە، ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان 36 كىشىدىن تەركىب تاپقان تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قەشقەر، ئىلى، تۇرپان قاتارلىق جايلىرىدا تىپىك تەكشۈرۈش قىلدى. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە مىللەت ۋە تىل، مىللەتلەر تىلىنىڭ تارقىلىشى ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ نوپۇسى، ھەر قايسى مىللەت تىلىنىڭ قايسى تىل سىستېمىسىغا تەۋە ئىكەنلىكى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ فونېتىكىلىق ، لېكسىكىلىق، گرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى، مىللىيچە يېزىق ۋە ئۇنىڭ قوللىنىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر نۇقتىلىق تەكشۈرۈلۈپ، دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى پەرقلەندۈرۈشى، ئالاقىدار قانۇن-نىزام ۋە مىللىي تېررىتورىيە سىياسەتلىرىنى چىقىرىشى ئۈچۈن، مۇھىم ئاساس يارىتىپ بېرىلدى. 2. 1957-1956 يىللىرى ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق تەتقىقات كومېتىتى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋە مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن تىل تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەترىتى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ تىل تەكشۈرگەن. 12 مىللەتتىن تەركىب تاپقان 120 نەپەر مىللەتلەر تىل-يېزىقى خىزمەتچىسى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا نەچچە ئون مىڭ كىلومېتىر يول يۈرۈپ 140تىن ئوشۇق تىل نۇقتىسىنى تەكشۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، شىبە، ئۆزبېك، تاتار، تاجىك، داغۇر مىللەتلىرىنىڭ تىل ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرگەن. 3. 1963-1960 يىللىرى، يېزىق ئۆزگەرتىش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق يېزىق ئۆزگەرتىش كومىتېتىگە قىزىلسۇ، تاشقورغان، چاپچال، تارباغاتاي قاتارلىق جايلارغا ئادەم ئەۋەتىپ، قىرغىز، تاجىك، شىبە، داغۇر مىللەتلىرىنىڭ يېزىق قوللىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، شۇ مىللەت ئاممىسىنىڭ يېزىق ئۆزگەرتىشىگە بولغان پىكرىنى ئېلىشنى بۇيرۇغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىرغىزلارنىڭ تىل-يېزىقى مەسىلىسى، تاجىكلارنىڭ يېزىق قوللىنىش مەسىلىسى قاتارلىقلارنىمۇ تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈش دوكلاتى شەكىللەندۈرگەن. 4. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغا قەدەم قويغاندىن بۇيان، تىل-يېزىق كومىتېتى كۆپ قېتىم ئادەم ئەۋەتىپ، مىللەتلەر تىل-يېزىقىنىڭ قوللىنىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكىسى، دىئالېكتى ۋە ئۆلچەملىك تىل تاۋۇشى كۆپ قېتىم تەكشۈرۈلدى، قازاق تىلىنىڭ فونېتىكىسى، لېكسىكىسى كۆپ قېتىم تەكشۈرۈلدى، قىرغىز تىلىنىڭ ئىملا، تەلەپپۇزى ۋە لېكسىكىسى كۆپ قېتىم تەكشۈرۈلدى، شىبە تىلىنىڭ قوللىنىلىش ئەھۋالى ۋە فونېتىكىسى، گرامماتىكىسى، لېكسىكىسى 4 قېتىم تەكشۈرۈلدى، شەرقىي شىمال رايونىنىڭ شىبە تىلى (مانجۇ تىلى) نىڭ قالدۇق ئەھۋالى 2 قېتىم تەكشۈرۈلدى.

沒有留言:

發佈留言