ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى ئۈرۈمچى

ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى ئۈرۈمچىشەھىرىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاقتىل-يېزىق قانۇنى» نى ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنىتەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىق قانۇنى»نى تېخىمۇ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، مائارىپ مىنىستىرلىكى ۋە دۆلەت تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى خاربىندا ئاچقان « مەملىكەتلىك شەھەر تىل-يېزىق خىزمىتىنى باھالاش كۆرىكى مۇھاكىمە يىغىنى» نىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ پارتگۇرۇپپا ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ شۇشەن باشچىلىقىدا، خەنزۇ تىلى باشقارمىسى، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلى باشقارمىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشقان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە 10-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 1 ناھىيە، 3 رايونى، مائارىپ تارماقلىرى ۋە قىسمەن مەكتەپلىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. 2006-يىل 7-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مەدەنىيەت-تەشۋىقات مەھكىمىسىنىڭ سابىق باشلىقى چېن جياسەي، مەدەنىيەت تەشۋىقات مەھكىمىسى تىل بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەن چىڭپىڭ، ئابلىمىت قاتارلىقلار ئاپتونوم رايونىمىزغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇلار ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتى، غۇلجا شەھىرى، چاپچال شىبە ئاپتونۇم ناھىيىسى، قورغاس ئېغىزى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستى قاتارلىق ئورۇن ۋە جايلارغا بېرىپ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ئەھۋالى، مىللەتلەر تىل-يېزىقىدىكى رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە، ئاخبارات-نەشرىيات ئەھۋالى، مىللەتلەر تىلىدىكى تاشقى تەشۋىقات خىزمىتى ئەھۋالى، مەكتەپلەرنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇش ئەھۋالى، ئاممىۋى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە قوش تىل ئىشلىتىش ئەھۋالى، شۇنىڭدەك مىللەتلەر تىل-يېزىقىغا دائىر باشقا مەسىلىلەر توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

沒有留言:

發佈留言