ئاپتونوم رايون بويىچە تىل-يېزىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىققىلىش تاماملاندى
ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتى ئەھۋالىنى ئەتراپلىق ئىگەللەپ، تىل-يېزىقنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ تىل-يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش مەقسىتىدە، ئاپتونۇم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى 2003-يىل 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە مۇدىر مەمەت ئېلى ۋە مۇئاۋىن مۇدىر چېن يۈگۈينىڭ باشچىلىقىدا جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە: «دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىق قانۇنى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى نىزامى»نى تەشۋىق قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى؛ 2003-يىلدىكى ئاپتونۇم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى مۇدىرلىرى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالى؛ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ تىل-يېزىق ئورگىنى، خادىمى، شىتات ئەھۋالى، مىللىيچە-خەنزۇچە ئىككى خىل تىل-يېزىقنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ھۆكۈمەت پائالىيەتلىرىدىكى قوللىنىش ئەھۋالى؛ جەمئىيەتتە يېزىق ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش ئەھۋالى؛ تەرجىمە خىزمىتى ۋە تەرجىمە قوشۇنىنىڭ ھازىرقى ھالىتى؛ مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا تىل-يېزىق ئۆگىنىش ئەھۋالى قاتارلىقلار. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق جايلارنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە ساقلانغان مەسىلىلەر بىرقەدەر تولۇق ئىگىلىنىپ، تىل-يېزىق خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئۈچۈن بىرىنچى قول ماتېرىيال ھازىرلاندى.
沒有留言:
發佈留言