ئاپتونۇم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى تىل-يېزىقى

ئاپتونۇم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى تىل-يېزىقىقېلىپلاشقان ئۈلگىلىك مەكتەپ قۇرۇش پائالىيىتىنى تەكشۈردى
«مائارىپ مىنىستىرلىكى ۋە دۆلەت تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ تىل-يېزىقى قېلىپلاشقان ئۈلگىلىك مەكتەپ قۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى» (مائارىپ تىل قوللىنىش (2004) 4-نومۇرلۇق) ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ «مائارىپ مىنىستىرلىكى ۋە دۆلەت تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ تىل-يېزىقى قېلىپلاشقان ئۈلگىلىك مەكتەپ قۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (ش ت (2004) 28-نومۇرلۇق) نىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ تىل-يېزىقى قېلىپلاشقان ئۈلگىلىك مەكتەپ قۇرۇش پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئاپتونۇم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تىل-يېزىق كومىتېتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، 10-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 14 ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوم ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپتە تىل-يېزىقى قېلىپلاشقان ئۈلگىلىك مەكتەپ قۇرۇش پائالىيىتى توغرىسىدا 4 كۈن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى مۇنداق دەپ قارىدى، ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ تىل-يېزىقى قېلىپلاشقان ئۈلگىلىك مەكتەپ قۇرۇش پائالىيىتىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشى يېتەرلىك بولۇپ، نۇرغۇن مەكتەپلەردە تىل-يېزىق خىزمىتى ئاپپاراتى قۇرۇلۇپ، بۇ خىزمەتكە مەخسۇس ئادەم مەسئۇل بولغان، ھەمدە تىل-يېزىق خىزمىتىگە ئالاقىدار تۈزۈملەر تۇرغۇزۇلۇپ، تىل-يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ كونكرېت تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى ئۈلگىلىك مەكتەپ قۇرۇش پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلغان. كۆپلىگەن مەكتەپلەر تىل-يېزىققا دائىر قانۇن-نىزاملارنى تەشۋىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، تىل-يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى مەكتەپنىڭ كۈندىلىك ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈۋەتكەن. ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، پۇتۇڭخۇا ۋە ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقى بويىچە ئىملا، تەلەپپۇز سەۋىيىسىنى سىناش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتىنى ئوقۇتقۇچىلارنى ئىش ئورنىغا قويۇش ، ئۇنۋان باھالاش ۋە يىللىق باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرى قىلغان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇتۇڭخۇا سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، نۇتۇق سۆزلەش، رىياسەتچىلىك قىلىش، دېكتورلۇق قىلىش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرغان. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يەنە ئۈلگىلىك مەكتەپ قۇرۇش پائالىيىتىدە ساقلانغان يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرسىتىپ، تۈزىتىش پىكىرلىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى. ھەمدە مەكتەپلەرنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەردە تىل-يېزىقى قېلىپلاشقان ئۈلگىلىك مەكتەپ قۇرۇش پائالىيىتىگە بولغان تەشۋىقاتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ خىزمەتنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشىنى، تىل-يېزىق خىزمىتى تارماقلىرىنىڭمۇ ئۈلگىلىك مەكتەپ قۇرۇش پائالىيىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن مۇناسىپ ئۆلچەم ۋە تەپسىلىي پرىنسىپلارنى چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى.

沒有留言:

發佈留言